| |
|
|
| |
| باش بەت » شىركەت ھەققىدە |

شىنجاڭ كۆك ياقۇت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2009-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە قۇرۇلغان يېڭى تىپتكى كارخانا بولۇپ، ئۇنىڭ تىجارەت دائىرىسى : كۈندۈلۈك مىلىچ ماللار، سۇلىياۋدا ئىشلەنگەن بويۇملار،ئېلىكتىرۇن بويۇملىرى،خىمىيە سانائىتى بويۇملىرى،نېفىت بويۇملىرى،ئېلىكتىرۇنلۇق سىم- كابىللار ، يېزا ئىگلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى،سىلىقلىتىش مايلىرى،بەش خىل مىتال، قاتناش-ئېلىكتىر بويۇملىرى،ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى،قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى، پولات ماتىرىياللىرى،ئىسسىقلىق ساقلاش بويۇملىرى،ئىشخانا بويۇملىرى، بىزەكچىلىك ماتىرىياللىرى، ئىلما-توقۇمىچىلىق بويۇملىرى،كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرى، خىروم-تېرە مەھسۇلاتلىرى كومپيۇتېر،كومپيۇتېر قوشۇمچە زاپچاسلىرى، تور بەتلىرىنى لاھىيىلەش ۋە ياساش، سودا ئۇچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش،ئېلان لاھىيىلەش ۋە ياساش قاتارلىقلار. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە شىركەت ئىلغار يېڭى تېخنىكىنى يۈلەنچۈك ، يېڭىدىن تەرەققى قىلىۋاتقان تور سودىسىنى باشلامچى قىلىپ،مەۋقەنى شىنجاڭ بازارلىرىغا قويۇپ، مەملىكەت ۋە خەلقئارا بازارنى نىشانلاپ،كومپيۇتېر ، كومپىيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە ئىلغار يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس، تور يۇمىشاق دېتال سېستىمىسى، تور پىروگىراممىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى قوشۇمچە قىلغان تور سودا پائاليىتىنى قانات يايدۇرۇپ،دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشىپ، شىركەتنىڭ پۇقتا قەدەم بىلەن تەرەققى قىلىشىغا ئاساس سالدى. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ باش ئورنى ئۆزىدىكى بىر قەدەر يۇقۇرى ساپالىق يۇمىشاق دېتال تەدقىق قىلىش ۋە ئېچىش تېخنىكا كۈچى ۋە سېتىش قوشۇنىغا تايىنىپ،خېرىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولغان تور يۇمىشاق دېتاللىرىنى ياساش،يەتكۈزۈپ بېرىش،مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك تور سودىسىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا،شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شۆبە شىركەت، ۋاكالەتچىلىك نوقتىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تەسىس قىلىپ،بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان تور سودا سېستىمىسىنى شەكىللەندۈردى. شىركەت ئۈرۈمچىدىكى باش ئورگىنىدىن سىرت،يەنە قەشقەردە تېخنىكا كۇچى بىر قەدەر زور،ئۈسكۈنىلىرى بىر قەدەر تولۇق،مۇلازىمىتى بىر قەدەر ئەتراپلىق بولغان قەشقەر كۆك ياقۇت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شۆبىسىنى تەسىس قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىللە، قارىماي شەھىرى،يەكەن ناھىيىسى،مارالبېشى ناھىيىسى ، ئۈچتۇرپان ناھىيىسى،مۇڭغۇلكۆرە ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا ۋاكالەتچىلىك نوقتىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ كۆك ياقۇت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى ئاساس قىلغان ، شۆبە شىركەت ۋە ۋاكالەتچىلىك نوقتىلىرىدىن تەركىپ تاپقان يېڭى تىپتىكى كارخانا گەۋدىسى بارلىققا كەلدى. «كۆك ياقۇت » شىىركىتىنىڭ باش مەقسىتى ۋە تەرەققىيات ئېڭى: « خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش،مۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىش » تە چىڭ تۇرۇش. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى : ئۇزاققا قالمىغان كەلگۈسىدە «كۆك ياقۇت » نى كىشىلەر پەخىرلىنىدىغان تور سودا كارخانىسىغا ئايلاندۇرۇش. «كۆك ياقۇت » شىركىتى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىرادىسى : « تۆھپە كۆرسىتىش روھى،يىراقنى كۆرۈش نەزىرى،تىرىشىپ خىزمەت ئىشلەش » تىن ئىبارەت ئەڭ ئېسىل روھى ھالەت بىلەن تارىخى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ،ئەتىنى كۈتىۋىلىش، خەلقئارالاشقان سودا-تىجارەت سېستىمىسىنى تەدرىجى بارلىققا كەلتۈرۈپ،كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ تور سودىسى ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز جايىدا پۇت تىرەپ تۇرۇپ، دۇنياغا يۈرۈش قىلىش. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ تىجارەت ئېڭى : تۆھپە كۆرسىتىش ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇش، ئىشەنچ ئارقىلىق تەرەققى قىلىش. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت ۋەدىسى: ئىستىمالچىلار-شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلارنى تەدقىق قىلىپ ياساش،كېڭەيتىش،مۇلازىمەت قىلىش ئوبېكتى. شۇنداقلا بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققى قىلىشىمىزنىڭ ئاساسى.شۇڭا، ئىستىمالچىلار سۈ پىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان مەھسۇلاتلىرىمىزغا ئېرىشىشى كېرەك. سېتىش جەريانىدا،ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قاندۇرىمىز. سېتىپ بولغاندىن كېيىن،ئىستىمالچىلارغا مۇكەممەل ۋە قۇلايلىق بولغان سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، ئىستىمالچىلارنى تولۇق رازى قىلىشقا تىرىشىمىز. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىك نوقتىلىرىغا تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى : ۋاكالەتچىلىك نوقتىلىرى-شىركىتىمىزنىڭ كەڭ ئىستىمالچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللۇغۇچىلار ۋە ئىجرا قىلغۇچىلار. «كۆك ياقۇت » شىركىتى بىلەن ۋاكالەتچىلىك نوقتىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت-ئورتاق تەرەققى قىلىشتىكى شىرىكچىلىك مۇناسىۋىتى. ۋاكالەتچىلىك نوقتىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە تېگىشلىك نەپكە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش،ۋاكالەتچىلىك نوقتىلىرى ئارىسىدىكى ياخشى سۈپەتلىك رىقابەت مۇھىتىنى قوغىداش- «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر - «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ ھەقىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى ھاياتى كۈچى،شۇنداقلا شىركەت ئىرادىسىنى كونكىرىت ئىشقا ئاشۇرغۇچىلار. ئىختىساسلىق خادىملار- شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققى قىلىشىدىكى تۈۋرۈك. شۇڭا ئۇلار شىركەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى،چۈشۈنىشى،قوللىشى ۋە تەربىيلىشىگەئېرىشىشى كېرەك. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ ماددىى ۋە مەنىۋىى رىغبەتلەندۈرۈش مىخانىزىمى: شىركەتنىڭ تەرەققىياتى شىركەت كوللىكتىپىدىكى ھەر بىر ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ تۆھپىسىدىن كېلىدۇ.ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نەتىجە ياراتقان ھەر بىر خادىم تېگىشلىك نەپكە ئىگە بولىشى كېرەك. شىركەت ئشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەلا ئىپادىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق مۇكاپات بېرىپ، تۆھپىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغانلىرىغا ئالاھىدە مۇكاپات بېرىپ رىغبەتلەندۈرىدۇ. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ شەكىللىك بايلىق ۋە شەكىلسىز بايلىققا بولغان تونۇشى: شەكىلىك بايلىق ( كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بايلىق ) – شىركەتنىڭ رىقابەت جەريانىدىكى ئەمەلى كۇچىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپ،شەكىللىك بايلىقنىڭ كۆپىيىشى شىركەتنىڭ يەنىمۇ ياخشى تەرەققى قىلىشىدىكى ئاساس ۋە كاپالەت . باشقۇرۇش مىخانىزىمى، ئىناۋەت ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يۈشۈرۈن كۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلسىز بايلىق – شىركەت رىقابەت كۇچىنىڭ تۈپ ئاساسى بولۇپ،شىركەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ، شىركىتىمىز شەكىللىك بايلىقنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە چىداپ،شەكىلسىز بايلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. شەكىللىك بايلىق بىلەن شەكىلسىز بايلىقنىڭ ئورتاق كۆپىيىشى ۋە گىرەلىشىپ ئۆرلشىنى شىركەتنىڭ تىرىشىش نىشانى قىلىدۇ. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ ئابرۇي ۋە ئىناۋەتنى ساقلاش ھەرىكەت مىزانى: لەۋزىدە تۇرۇشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش. «كۆك ياقۇت » شىركىتىنىڭ تور سودىسى قوشۇنىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەشكىلى پىرىنسىپى: شىركىتىمىز قەرەلسىز تۈردە شىنجاڭ ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇئەييەن تور تېخنىكىسى ئىقتىدارىغا ئىگە ئىختىساسلىق خادىملارنى ۋە تور سودىسى كەسپىگە ئاتلىنىشنى خالايدىغان ئىرادىلىك كىشىلەرنى قۇبۇل قىلىپ ئىشلىتىدۇ.ھەر قايسى جايلاردىكى بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىك نوقتىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنۇپ،بىزنىڭ ئوقەتچىلىك شىرىكىمىز بولىشىنى قارشى ئالىدۇ.




















... [تەپسىلاتى]
|
|
|
| |
|
|
|
|